Ishqname-买吾兰·买买提明 无损flac下载 mp3下载
Ishqname-买吾兰·买买提明 在线试听 歌词免费下载
ئىشقنامە
Ishqname
سۆزى : غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
مۇزىكىسى :مەۋلان مەمتىمىن
ئاسمىنىم ئايدىن يىراق، قىينار يۈرەكىمنى پىراق
نەكى يارىمنى كۆرەي ئاھ يانمىسا دىلدا چىراق
كۆز يېشىمنىڭ زەنجىرىنى ئۈزگىلى بىر غۇنچە يوق
نەكى غۇنچە تۈرمىسىدە ياتمىقىم گۈلدىن ئۇزاق
قىينار يۈرەكىمنى پىراق، يا تۈگىمەس بۇ ئىشتىياق
نە مۇقامنىڭ خۇرجۇنىدىن تۈكۈلۈپ بىر تال غەزەل
نە ئىشقنىڭ ئەستىرىدىن يىرتىلىپ كەتكەن قوشاق
نە ئوتۇنچى ناخشىسىدىن لالە رەيھان لەۋلىرى
بىر سۆيۈپ نە چۆل باياۋانغا قېچىپ كەتكەن بۇلاق
قىينار يۈرەكىمنى پىراق، يا تۈگىمەس بۇ ئىشتىياق
ماڭسا ھەيدەپ قويلىرىنى جاڭگىلى تەندىن ئەجەل
ناخشا ئېيتىپ نەكى جاننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن پىچاق
جاننى تەندىن ئايرىغان نە ئۆلۈم خامانلىرى
ئۆلسە- ئۆلسە يا تۈگەر يا تۈگىمەس بۇ ئىشتىياق
ئەي غوجى ياردىن نىشانە تەندىكى جانىڭ سىنىڭ
جان ئارا جاناننى كۆر بولغىن خىجالەتتىن يىراق
قىينار يۈرەكىمنى پىراق، يا تۈگىمەس بۇ ئىشتىياق
قىينار يۈرەكىمنى پىراق، يا تۈگىمەس بۇ ئىشتىياق